ئەلى يەرلىكايا دانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا دانىيە كۆچمەنلەر ۋە ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرى كارە دايبۋاس بېك بىلەن كۆرۈشتى.

2061689
ئەلى يەرلىكايا دانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يەرلىكايا پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، مىنىستىر بېك بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار ئارا تەجرىبە  ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى يەرلىكايا: «مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزنى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە، <نىشان ۋە ئۆتكۈنچى دۆلەت> بولۇشتىن تېزلىكتە يىراقلاشتۇرۇش. بۇ دائىرىدە، قوشنىلىرىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر