تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەۋەلىكىدىكى ئاشخانا، چايخانا، قەھۋەخانىلاردا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش قارار قىلىندى.

2061363
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەجلىسنىڭ جەمئىيەتنىڭ غەززەدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى قىرغىن قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا جاكارلىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات ۋە تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىك روھىنى قوللاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەجلىس باشلىقى قۇرتۇلمۇشنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللايدىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجلىس تەۋەلىكىدىكى ئاشخانا، چايخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا سېتىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ  ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر