ئەردوغان پۇتىن ۋە گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن ئايرىم - ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2049257
ئەردوغان پۇتىن ۋە گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى
putin-erdogan.jpg
guterres-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى رايوندىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا، تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىنچە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىن رايوندىكى ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامداش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئەردوغان پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى شەنبە كۈنى (7-ئۆكتەبىر) ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر