خاقان فىدان نۇرغۇنلىغان مەنسەپداشلىرى بىلەن ھاماسنىڭ ھۇجۇمىغا دائىر مۇزاكىرىلەردە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكتىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2047725
خاقان فىدان نۇرغۇنلىغان مەنسەپداشلىرى بىلەن ھاماسنىڭ ھۇجۇمىغا دائىر مۇزاكىرىلەردە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل تانى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىخ شۇكرى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن ئىسرائىلىيە -پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا كەلكۈنى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار ئولتۇراق رايونلارغىمۇ بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ نەچچە ئون ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر