شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

2047066
شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ 30 – سېنتەبىر (2023) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، پىيادە قىسىم كەسىپىي سېرژانتى رەجەپ پارلاقنىڭ يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان سەپدىشىمىز، پىيادە قىسىم كەسىپىي سېرژانتى رەجەپ پارلاق داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 5- ئۆكتەبىر كۈنى شېھىت بولدى. بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا تاشلىغان بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر – تاقەت تىلەيمىز.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرمۇ شېھىت پارلاق ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر