دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرگە، جەنۇبىي كاۋكازدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ شەرتسىز زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئېچىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2043978
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا تۈنۈگۈن (2023-يىلى 28-سېنتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامەدە، پ ك ك|ك ج ك-پ ي د|ي پ گ (PKK/KCK-PYD/YPG) تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قانۇنلۇق قارشى تۇرۇشنىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن، بالىلارغا مەجبۇرىي ھالدا  قورال تۇتقۇزغان، دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلغان بۇ قورچاق تەشكىلاتنىڭ، تىنچلىق بىلەن خاتىرجەملىكنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى سۈرىيە خەلقىنىڭمۇ تەستىقلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ «قاتىللىق تورى »نى داۋاملىق قوللاۋاتقان ئاكتىيورلارغا، خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن كېلىپ چىققان مەجبۇرىيەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مەسئۇلىيەتلىرى ئەسكە سېلىندى.

تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان دوست ۋە قېرىنداش ئىراق خەلقىنى داۋاملىق ئەڭ زور دەرىجىدە قوللايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. كەركۈكتە تىنچلىقنى قوغداش ۋە بۇ دۆلەتتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنىڭ، رايونغا قارىتىلغان سىياسەت پىرىنسىپلىرى ئىچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامەدە، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشىغا تۇتقان قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى ھەمدە پائالىيەتلىرىنىڭ بىتەرەپلىك پىرىنسىپىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئىناۋىتىگە زىيان سالغانلىقى تەكىتلەندى. تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە شەرتنامىلەردىن كېلىپ چىققان ھەق-ھوقۇقلىرى دائىرىسىدە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنىڭ كاپالىتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

«جەنۇبىي كاۋكازدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ شەرتسىز زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى، رايونىمىزدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراۋانلىقىغا تۆھپە قوشىدىغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىلا ئاچقىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسى، ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرگە خاتىرىلىتىلدى. تۈركىيەنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»

ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن خىتابنامەدە، تۈركىيەنىڭ 10-سېنتەبىر (2023) يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت لىۋىيە خەلقىگە قىلىنغان ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر