يېقىنقى بىر ھەپتىدە 80 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 80 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

2043600
يېقىنقى بىر ھەپتىدە 80 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل تەھدىت ۋە خەتەرلەرگە، بولۇپمۇ پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھالدا بوشاشماستىن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە، ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى رايونىدا 80 نەپىرى ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە بولۇپ، جەمئىي 1351 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېرورچىلار ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 694 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر