ئۆنال خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى.

2043344
ئۆنال خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنىڭ روھىغا ماس ھالدا، سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە ۋە يېقىن خەۋپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

78 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا رەھبەرلەرنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما 12 يىللىق سۈرىيە كىرىزىسىغا تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۆنال، سۈرىيەدىكى «ئاكتىپ توقۇنۇش»نىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئىقتىسادىي مەھرۇملۇق ۋە ئىنسانىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، فېۋرال ئېيىدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆي -ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئۆنال: «ئوخشاش دەرىجىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر مەسىلە، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ئاساسلىقى پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى» دېدى.

سۈرىيە كىرىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا تاشلىنىشى كېرەك بولغان بىر قىسىم قەدەملەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆنال، بۇلارنىڭ «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، سىياسىي مۇساپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەزىل، بۆلگۈنچى كۈنتەرتىپىنى بىتچىت قىلىش، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارى ۋە ئىززەت - ئابرۇيى ساقلانغان ھالدا قايتىپ كېتىىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاش» قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھەم سۈرىيەگە ھەمدە تۈركىيەنى ئاساس قىلغان قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايونغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىر پۈتۈن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پوزىتسىيەنى نامايان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئورنى بولمىغان بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

باش ئەلچى ئۆنال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزۈۋاتقان بىۋاسىتە ۋە يېقىن تەھدىتلىرىگە قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 51- ماددىسى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، تۈركىيە داۋاملىق تۈردە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر