تۈركىيە ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن  قارشى ئالدى.

2035207
تۈركىيە ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھىندىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان « ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزا بولىشى» قارارىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بۇ قارارنىڭ «زور خوشاللىق» بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، «تۈركىيە ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافرىقىنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ۋەكىللىك ئورنىنى ياخشىلىشى، ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«باشتىن-ئاخىر بىز ئەڭ كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىغا دائىمىي ئەزا بولىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈشى نۇقتىسىدىن قىممەتلىق بىر قەدەمدۇر. تۈركىيە ئافرىقانىڭ خەلقئارا سىستېمىدا ھەقلىق بولغان ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىمۇ بۈگۈن پايتەخت يېڭى دېھلىدا «بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كەلگۈسى» تېمىسى ئاستىدا 18-نۆۋەتلىكى باشلانغان گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا بىرلەشمىسىگە دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتى بېرىلىشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر