خاقان فىدان لوندوندا گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس بىلەن كۆرۈشتى.

2132807
خاقان فىدان لوندوندا گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا خاقان فىدان بىلەن يېراپېترىتىسنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

باياناتچى ئۆنجۈ كەچەلى ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇردا، «ھۆرمەتلىك گرېتسىيە باش مىنىستىرى (كىرياكوس مىتسوتاكىس) نىڭ يېقىندا ئەنقەرەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تەييارلىقلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە ۋە گرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن (تۈنۈگۈن 27- ئاپرېلدا) لوندوندا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر