تۈركىيە قاراباغدىكى قانۇنسىز ​​سايلامنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش ​​سايلامنى ئەيىبلىدى.

2035201
تۈركىيە قاراباغدىكى قانۇنسىز ​​سايلامنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا قانۇنسىز ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام رايوننىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپلىمە قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ يېڭى ئىپادىسىدۇر. بۇ قەدەم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرى قاتارلىق خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر» دېيىلدى.

 باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامنى تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە كۆرۈدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقى  تەكىتلىنىپ، «تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپلىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇ قانۇنسىز سايلامنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ سايلامنى ئېتىراپ قىلماسلىققا چاقىرىمىز. تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى باسقۇچىنى قوللايدۇ ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەھدىنامىسىنىڭ بالدۇرراق تۈزۈلىشىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر