سىلۋا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققدىە ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

2035226
سىلۋا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ جانلاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققدىە ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا <x> ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.

سىلۋا ئۇچۇرىدا: «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بولغان ئۆئارا ئۇچرىشىشتا، تاشلاپ قويۇلغان بىرازىلىيە-تۈركىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتۇق. بىز يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىسىنى ئاشۇرۇش، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بولغان ئۈمىد قاتارلىقلارنى سۆھبەتلەشتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر