ئەردوغان: قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش ئوچۇق - ئاشكارا ئۆچمەنلىك جىنايىتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرئان كەرىمگە قارشى قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئۆچمەنلىك جىنايىتى ۋە ۋەھشىيلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2034054
ئەردوغان: قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش ئوچۇق - ئاشكارا ئۆچمەنلىك جىنايىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.

ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ياۋروپادىكى مۇقەددەس كىتابىمىز بولغان قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى نامى ئاستىدا يول قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ھەر دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. دەرۋەقە قۇرئان كەرىمگە قارشى قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ئوچۇق - ئاشكارا ئۆچمەنلىك جىنايىتىدۇر، ۋەھشىيلىكتۇر.»

ئۇ شىۋېيتسىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيەدە تەكرارلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ بۇ جۇغراپىيەدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ ئومۇملاشمىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملارغا كۆز يۇمۇۋاتقانلارنىڭ ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە سۇيئىستېمال  قىلىۋاتقانلىقىنى قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان  ھەر قېتىملىق   ھۇجۇمدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرۈۋاتىمىز.»

ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇقەددەس كىتابلارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىغا دائىر قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشى ناھايىتى مۇھىم. دەرۋەقە، بۇ قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەممىگە ئايان. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنى بۇ ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر