مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) سۈرىيەنىڭ رۇمەيلان رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

2034287
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)، ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — ي پ گ / پ ك ك نىڭ پۇل يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى مەسئۇلى زۇلفىيە بىنبىرنى سۈرىيەنىڭ رۇمەيلان رايونىدا ئۇجۇقتۇردى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، روژنا يالغان ئىسىملىك بىنبىر، 1993- يىلى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، 2018- يىلى ئاتالمىش ​​«كوبانى ئاممىۋى تەرتىپ قوماندان»لىقىغا تەيىنلەنگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ ژ ۋەكىلىمۇ بولغان بىنبىر، ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىقتىسادقا مەسئۇل خادىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ پۇل يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. ئىلگىرى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئىسمى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىنبىرنى  2011- يىلى موش ۋالىي مەھكىمىسىدە پراكتىكا قىلىۋاتقان ھاكىم كاندىداتى كەنان ئەرەنئوغلۇ ۋە ھەربىيلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئايقۇت چەلىكنى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن  يېقىندىن كۆزەتمەكتە ئىدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، تېرروچى بىنبىرنى سۈرىيەنىڭ نېفىتلىك رايونى رۇمەيلاندا ئۇجۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر