ياپونىيە-تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇزاكىرىلىرى قايتا باشلىنىدىغان بولدى

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، «بىز ياپونىيە-تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇزاكىرىلىرىنى تېخنىكىلىق سەۋىيەدە قايتا باشلاشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

2033516
ياپونىيە-تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇزاكىرىلىرى قايتا باشلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى ياسۇتوشى نىشىمۇرا ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىكى كۈن تەرتىپى ۋە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

مىنىستىر ئۆمەر بولات: «تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى قۇرۇلغان تۈركىيە-ياپونىيە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توكيودا ئۆتكۈزۈشنى ۋە بۇ يىغىنلارنى بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە بىرلەشمە بايانات ئىمزالاندى.

ئاندىن مىنىستىر ئۆمەر بولات ياپونىيە تاشقى سودا تەشكىلاتى (JETRO) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ياپونىيە-تۈركىيە سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى.

ئۆمەر بولات تۈركىيە - ياپونىيە ئۆزئارا سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2022-يىلىدا 5 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 6 مىليارد دوللارلىق چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر