فىدان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

2032114
فىدان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

فىدان پەيشەنبە كۈنىمۇ موسكۋادا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر