ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلار 30 -ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرلاندۇرۇلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسى 30 -ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلارنى نۇرلاندۇردى.

2031086
ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جايلار 30 -ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرلاندۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتا مۇنارى، ھەيدارپاشا پويىز ئىستانسىسى، دولماباھچە دەرۋازىسى، بەيازىت ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى مۇنارى، كۈلەلى ھەربىي ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە بەشىكتاش دېڭىز مۇزېيىدا نۇر چۈشۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيە بايرىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى.

ئىستانبۇل بۇغۇزىدا بولسا، كۇلەلى ھەربىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالدىدا ساليوت ئېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر