30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى

بۈگۈن 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى! مۇستەقىللىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

1873659
30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن ئازادلىق ئۇرۇشىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتىمىز. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يىڭىلىشى ۋە چەت ئەل ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنىڭ دۆلەت زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىغا، گىرېتسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئانادولۇنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى قوشۇلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بىر قانچە يىل داۋاملاشقان ئازادلىق ئۇرۇشى باشلاندى. 1922-يىلى 30-ئاۋغۇست قولغا كەلگەن باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ قالدى. بۇ غەلىبە، مۇستەقىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. مۇستەقىللىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ 30-ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. بۇ مۇقەددەس زەپەرنىڭ قولغا كېلىشىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، قان-تەرىنى قەھرىمانلارچە ئېقىتقان ۋە بۇ گۈزەل ۋەتەننى بىزگە سوۋغا قىلغان ئەجدادلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر