ئەردوغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

2026926
ئەردوغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر ۋىكتور ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋېنگىرىيەگە يېتىپ بېرىپ ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

پايتەخت بۇداپېشتتىكى فېرېنس لىزت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن كارمېلىتا موناستىرىغا يېتىپ بارغان ئەردوغان ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن ئوربان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون خاراكتېرلىك شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەردوغان بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 2023-يىللىق ئەرلەر 100 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆردى ۋە كارمېلىتا موناستىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋېنگىرىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر