تۈركىيە قىسىملىرى ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 53 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 53 تېرورچىنى قوشقاندا، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 995 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.

2022855
تۈركىيە قىسىملىرى ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 53 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015-يىلى 24- ئىيۇلدىن بۈگۈنگىچە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 38 مىڭ 388 گە يەتتى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە-قۇلۇپ ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ھازىرغىچە 586 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 1316 دانە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا، 2015 مىنا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچلار قولغا چۈشۈرۈلدى ھەمدە 614 ئۆڭكۈر پاچاقلاپ تاشلاندى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن (9-ئاۋغۇست) مەزكۇر رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاتقان ئوقتا بەش ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، تېررورچىلار سۈرىيەدىكى ھەرىكەت رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالماقچى بولدى. تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قايتۇرغان جاۋابى نەتىجىسىدە 45 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

يىل (2023) بېشىدىن بۇيان تېررورچىلار سۈرىيەدىكى مەشغۇلات رايونىغا 86 قېتىم ئوق چىقاردى. ئەسكەرلەرنىڭ قايتۇرما جاۋابى بىلەن جەمئىي 744 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر