تۈركىيە شىۋىتسىيەدە ئەردوغانغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويۇلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويۇلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2020710
تۈركىيە شىۋىتسىيەدە ئەردوغانغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويۇلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا: «بۈگۈن (5-ئاۋغۇست) ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، پ ك ك غا چېتىشلىق بىر گۇرۇپپىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى سىمۋوللىرى بىلەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا ۋە جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قارشى يىرگىنىشلىك ھەرىكەتلەردە بولىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئەڭ ئېغىر ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر