ئەردوغان مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز مۇداپىئە سانائىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، بۇ ساھەنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە يېڭى مەھسۇلاتلار بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھوزۇرىغا چىقىمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 – نۆۋەتلىك «IDEF-23» خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «بىز مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە، بىزنىڭ ھەم مەنبەمىز، ھەم ئىلھام مەنبەسىمىز، ھەمدە بىزنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دېدى.
مۇداپىئە سانائىتىدە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەن تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بىز بۇ ساھەنىڭ ئېھتىياجىنى بېكىتىپ، ئۆزگىچە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «2002- يىلى مۇداپىئە ساھەسىدە پەقەت 57 شىركىتىمىز پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ 2500 » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلەرنى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «بىخەتەرلىككە ئوخشاش ھايات - ماماتلىق بىر مەسىلىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا تەھدىت ۋە بېسىم ئامىلى قىلىپ ئىشلىتىلىشى توغرا ئەمەس» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز كەلگۈسىدىكى نىشانىمىزنى ئېكسپورتنى ئاشۇرۇپ، مۇداپىئە سانائىتى ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەيتىش دەپ بېكىتتۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.