تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2017402
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 10 ژاندارما ئەسكىرى شېھىت قىلىنغان تۆت قېتىملىق ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقى ئېنىقلانغان، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى رەدۇر سىسەر يالغان ئىسىملىك تېررورچى گۈۋەن ئۆزجاننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ: «10 قەھرىمانىمىز شېھىت قىلىنغان تۆت ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقى ئېنىقلانغان كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىكى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر يەرلىكايا: «كۈرەش تېررورلۇق ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر