ئەردوغان: مەقسىتىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىگە خاتىمە بېرىش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «مەقسىتىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىگە خاتىمە بېرىش» دېدى.

2016685
ئەردوغان: مەقسىتىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىگە خاتىمە بېرىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەنىڭ گۆلباشى ناھىيەسىدىكى ساقچى ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن <ساقچى كەسپىي ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى>دا قىلغان سۆزىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىگە قېتىلىشنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك توختىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «بىزنىڭ قەيەردە تۈركىيەگە سوزۇلغان قارا قوللار بولسا، ئۇنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ئىرادىمىز قەتئىي. مەقسىتىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە خەپ ئېلىپ كېلىشىگە خاتىمە بېرىش» دېدى.

تۈركىيەنىڭ جاھانگىر كۈچلەر تەرىپىدىن دۇچار قىلىنغان تېررور ئاپىتىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، يالغۇز بىخەتەرلىككە ئەمەس، ئىقتىسادتىن دېموكراتىيەگىچە، تاشقى سىياسەتتىن مىللىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈككىچە بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تېررور ئاپىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە يەنە، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە تۈركىيەنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جىنايەتكە چېتىشلىقلار، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزغۇچىلار ۋە دۆلىتىمىزدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 36 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى ۋە بۇلارنىڭ 16 مىڭى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى. قالغانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، بىز بۇ مەسىلىنى مەدەنىيىتىمىز، ئېتىقادىمىز، قانۇنىمىز ۋە ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر