ئەردوغان كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ئەسىرىنى بەرپا قىلىش نىشانىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2015566
ئەردوغان كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ 21 يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئىگە قىلىنغان مائارىپ، سەھىيە، بىخەتەرلىك، قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق بارلىق ساھەلەردىكى كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ گۈللىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سودىدىن سانائەتكىچە، دېھقانچىلىقتىن ساياھەتچىلىككىچە  بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پاراۋوزى ھېسابلىنىدىغان ھەر قايسى ساھەلەردە چارقلارنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئېكسپورت ۋە ساياھەتچىلىكىمىز ھەر ئايدا دېگۈدەك رېكورت يارىتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا. دۆلىتىمىز خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى جەلپ قىلماقتا. ئۆتكۈزگەن ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا، دۆلىتىمىزگە مىلياردلارچە، ئون مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى ئېلىۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنى يېقىنقى 20 يىلدا ئوتتۇرىچە %5.5 ئاشۇرغانلىقلىرىنى، دۆلەتنىڭ كىرىمىنى 238 مىليارد دوللاردىن 1 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ۋە سېتىۋېلىش نىسبىتىگە ئاساسەن، دۆلەتنى كىرىم رەت تەرتىپىدە 11- ئورۇنغا چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى 19 مىليوندىن 32 مىليونغا، ئېكسپورتنى 35 مىليارد دوللاردىن 254 مىليارد دوللارغا، ساياھەتچىلەر سانىنى 15 مىليوندىن 52 مىليونغا، ساياھەت كىرىمىنى 12 مىليارد دوللاردىن 46 مىليارد 500 مىليون دوللارغا چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قىسقىسى، بىز ھەر ساھەدە مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنلەرگە يېتىپ كەلدۇق. كۆپىيىۋاتقان نوپۇسىغا پاراللېل ھالدا ئەمگەك كۈچىگە قېتىلىش نىسبىتى ئۆرلەۋاتقان تۈركىيەدە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تۆۋەنلەش ئەمەس، ئىزچىل ھالدا ئېشىشى مانا بۇ كارتىناغا قەرزدار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ھەر قانداق غەلىبىسىنىڭ  كىچىككىنىمۇ چېكىنىشىگە يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملىق، ئىشەنچ ۋە سىجىللىق لىنىيەسىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر