تۈركىيە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا قۇرئان كەرىمگە قارشى قايتا – قايتا سادىر قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيبىلىدى.

2015583
تۈركىيە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە قارشى قايتا- قايتا سادىر قىلىنىۋاتقان قەبىھ ھۇجۇملار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «بىز بۈگۈن (تۈنۈگۈن) كوپېنھاگېندا مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان رەزىل ھۇجۇملارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. دانىيە دائىرىلىرى خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مىلياردلارچە ئىنسانغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىدىغان بۇ خىل قەبىھ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەرباشمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ: «مەن بۇ پەسكەش ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى ۋە ئىجتىمائىي تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغان بۇ خىل قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلغان، رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان دانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئېرباش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب  دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىستېمىلىق دۈشمەنلىككە قارشى ئىسلام دۇنياسىنى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق ۋىجدان ئىگىلىرىنى جاراڭلىق ھالدا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر