ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەن كۆرۈشتى.

2014779
ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەكلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلغا خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن كەلگەن ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تېببۇننى دولماباھچە ئىشخانىسىدا مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

ئىككى رەھبەر ئاندىن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى ياخشىلاش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنگەن ئۇچرىشىشتا، نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەت، رايونلۇق ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىككى رەھبەر ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر