تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئۆت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپەت رايونىغا ئىككى دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە بىر ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارى ئەۋەتىدۇ.

2014696
تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئۆت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئورمانچىلىق ئىشلىرى باش ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە بىر ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئايروپىلان خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە گىرېتسىيەگە ئەۋەتىلىدۇ.

تار دائىرىدە ئايلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ياساپ چىققان يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچار ئايروپىلانى قوشنا دۆلەت گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر