ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن پارىس قولتۇقى ئەللىرى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ باردى.

2013195
ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەبۇزەبى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شەيخ مەنسۇر بىن زايىد ئەننەھيان ۋە تۈركىيەنىڭ ئەبۇزەبىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇگاي تۇنچەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغاننى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان ئەلۋەتەن سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلىدىغان رەسمىي كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر