ھاقان فىدان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان بىر تۈركۈم ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن مالايشىيانىڭ پېناڭ ئۆلكىسىگە يېتىپ باردى ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى.

2012081
ھاقان فىدان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، مىنىستىر ھاقان فىداننىڭ مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر ئۇچۇرىدا  ھاقان فىداننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەھمەد زاھىد ھامىدى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھاقان فىدان يەنە مالايشىيانىڭ پېناڭ شەھىرىدە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر