قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2010868
قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
kurtulmus-asadov1.jpg
kurtulmus-asadov.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا، ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

قۇرتۇلمۇش بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز سەپىرىمىزنى قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭمۇ، ئەزەربەيجاننىڭمۇ قولدىن بېرىپ قويغۇدەك ھېچ ۋاقتى يوق، ھەر ئىككى دۆلەت بۇ سەپەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى خەلقئارالىق ئېنىقلىما بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەم ئەزەربەيجان ھەم تۈركىيە ئۈچۈن تارىخىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتنى ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.»

قۇرتۇلمۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ دېگۈدەك چوڭ توقۇنۇش ۋە جىددىيچىلىك دەۋرىنىڭ باشلانغۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۈرەش ئىلگىرى بەزى رايونلار بىلەنلا چەكلىنەتتى، ئەمما بىز ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈرىشىگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ كۈرەش ئەڭ كۆپ داۋاملىشىۋاتقان جاي تۈركىيە دەل مەركىزىگە جايلاشقان جۇغراپىيەدۇر. كاۋكاز رايونى، بالقان رايونى، قارادېڭىز، ئاقدېڭىز، شەرقىي ئاقدېڭىزمۇ دەل بۇ جۇغراپىيەگە جايلاشقان. بۇ جۇغراپىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىزدۇر.»

قۇرتۇلمۇش 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن نامايان قىلغان قېرىنداشلىق مۇھىر - مۇھەببىتى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىش بىرلىكى ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۆلىتى ۋە خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر