ئۆمەر چەلىك: تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى فىرانسىيەنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ

ئۆمەر چەلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقىنى چۈشەندۈردى.

2005993
ئۆمەر چەلىك: تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى فىرانسىيەنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك فىرانسىيەنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا، ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان سىياسىتىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئۆلۈمدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلارغا ئىگە چىققانلىقىنى ئېيتتى.  

ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر سىياسىتىنى فىرانسىيەدىكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا تولغان زوراۋانلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر چەلىك فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئېڭى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئىگە ئامىۋى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي نارازىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەقەززاسىنى ئاساس قىلغان سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۆلۈمدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلارغا ئىگە چىقتى» دېدى.

ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلىكنى چېگرا سىرتىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كېتىشكە ئىلھام بېرىدىغان لايىھەلەر ئارقىلىق قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر