باش ئەلچى ئۆنال تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى

باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئەنقەرەنىڭ پۇقرالىرى ۋە چېگراسىنى قوغداش يولىدا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2005551
باش ئەلچى ئۆنال تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئەنقەرەنىڭ پۇقرالىرى ۋە چېگراسىنى قوغداش يولىدا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى ئونال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئاستانە سۆھبەتلىرىدە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە  مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ قېلىش زۆرۈرىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆنال، بۆلگۈنچىلىك كۈنتەرتىپى ھەمدە تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىل ۋە ئىپادىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى — ي پ گ / پ ك ك نىڭ يالغۇز سۈرىيەنىڭ دۆلەت مۇقىملىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەجەللىك مەنپەئەتىمىزگە تەھدىت سالماقتا» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان تەل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىن تۈركىيەگە ۋە سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايونلىرىغا 67 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆنال: «تۈركىيە خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىدا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە مۇۋاپىق شەكىلدە پۇقرالىرى ۋە چېگراسىنى قوغداش ئۈچۈن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدىكى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قەتئىي قوللىنىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ئۆنال،  6- فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزمىنىڭ بولۇپمۇ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان مىليونلىغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۆنال: «شۇڭا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مېخانىزمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 12 ئاي ئۇزارتىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر