ئەردوغان  تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2005182
ئەردوغان  تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان، سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، رەھبەرلەر ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى، قۇربان ھېيتنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تىنچلىق،  بەخت - سائادەت ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، قازاقىستاننىڭ ئاباي رايونىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەرگە تېگىشلىك ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، 9 – ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا مىرزىيويېۋغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا  3 – نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ دەرھال چاقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، سومالىدا سىياسىي يارىشىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش مۇساپىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنى داۋاملىق قوللايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز سىلەرنى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر