ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى فەتھۇللاھچىلارغا دائىر شەرمەندىلەرچە دوكلاتنى تەستىقلىدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى بىر ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى تەييارلىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETO) ھەققىدىكى شەرمەندىلەرچە دوكلاتنى تەستىقلىدى.

2004251
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى فەتھۇللاھچىلارغا دائىر شەرمەندىلەرچە دوكلاتنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  بىر ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى تەييارلىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ 2016-يىلى 15 - ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETO) غا قارشى كۈرىشى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدى ۋە فەتھۇللاھچىلارنىڭ تېزىسلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.  

تۈركىيە دوكلاتقا كەسكىن رەددىيە قايتۇردى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز دوكلاتنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارىتا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ تېررورچى، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارغا قارشى كۈرىشىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بىر ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى تەييارلىغان دوكلاتىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئەيىبلەيمەن. ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ۋەزىپىسى تېررورچى ھەربىي  ئۆزگىرىش قوزغىغانلارنى  قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىش ئەمەس، بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە كۈچ بېرىشتۇر» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچمۇ تۋىتتېردىكى باياناتىدا، دوكلاتنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارىتا: «بۇ دېموكراتىيەنىڭ يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن قارا داغ» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا: «كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىشى كېرەك بولغانلارنىڭ تېررورچى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلارنى قانۇنىي سالاھىىيەتكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنغان دوكلاتقا ئىمزا قويۇشى نومۇسسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. فەتھۇللاچىلارنىڭ تېزىسلىرى تىزىپ قويۇلغان بۇ دوكلاتتىكى تۈركىيەگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر