خاقان فىدان ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 2023 – يىللىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

2002756
خاقان فىدان ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خاقان فىدان بىلەن ئانتونى بلىنكېننىڭ كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭەيتىلىشى، جەنۇبىي كاۋكاز ۋەزىيىتى رامكىسىدا ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر فىدان يەنە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لككې راسمۇسسېن، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ۋە ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر