ئەردوغان: تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قەتئىي قوغدايمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نە تۈركىيەنىڭ نە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1999936
ئەردوغان: تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قەتئىي قوغدايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلغاندا، بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجانغا قىلغان زىيارەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيەنىڭ قىبرىس داۋاسىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈرك مىللىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلىدىغان قىبرىس تۈرك خەلقى بىلەن داۋاملىق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمىز. <ئانا ۋەتەن> بىلەن <ئەۋلاد ۋەتەن> ئوتتۇرىسىدىكى بىر گەۋدىلىشىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن تۈرلۈك قەدەملەرنى تاشلايمىز. نە دۆلىتىمىزنىڭ، نە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان نۇرغۇن مۇھىم قارارلارنى چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نورماللاشتۇرۇش خىزمىتى مۇساپىسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق. رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا بولغان كۈچلۈك ئىرادىمىزنى ھەمدە ئۈمىدلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. تەخمىنەن 30 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىشغالىيەتتىن كېيىن، ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قاراباغدا لەرزان لەپىلدىشىنى قېرىنداشلىقىمىزنىڭ سىمۋولى دەپ قارايمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرى مەرھۇم ئىسمائىل گاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان <تىلدا، پىكىردە ۋە ھەرىكەتتە بىرلىك> نىشانىنى بويلاپ، تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان يېڭى لايىھەلەرنى يولغا قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر