خاقان فىدان جوسېپ بوررېل ۋە سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان جوسېپ بوررېل ۋە سېرگېي لاۋروۋلار بىلەن تېلېفونلاشتى.

1997879
خاقان فىدان جوسېپ بوررېل ۋە سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جوسېپ بوررېلنىڭ مىنىستىر فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى بوررېلمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بىز بەرپاچى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ياۋروپا - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ روياپقا چىقىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. گېئوپولىتىكىلىق خىرىسلار بىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە قويۇق ھەمكارلىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خاقان فىدان يەنە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى؛ لاۋروۋ فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپسىىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر