فىدان بىر قاتار دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قىرغىزىستان، مولداۋىيە ۋە ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1997733
فىدان بىر قاتار دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «(دۆلىتىمىز) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئېنبېك كۇلۇبايېۋ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىشكە مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېليى، مولداۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا بىلەن ماسلىشىش ئىشلىرى مىنىستىر نىكۇ پوپېسكۇ ۋە ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگۇس تساخنا قاتارلىق بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشلەردە سۆھبەتداشلىرى مىنىستىر فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلىبا بىلەنمۇ تېلېفونلاشقانىدى. كۇلىبا مىنىستىر فىداننى تەبرىكلىگەن ھەمدە دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدى.

ئىككى مىنىستىر سۆھبەت جەريانىدا، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر