مىنىستىر فىدان شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلستروم بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1996838
مىنىستىر فىدان شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلستروم بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىلسترومنىڭ تېلېفون قىلىپ فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، مىنىستىر فىداننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىدان بىلەن بىلستروم دائىملىق بىرلەشمە مېخانىزم يىغىنىدىن كېيىن ئالاقىلىشىش توغرىسىدا كېلىشىتى.

تۈركىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەنقەرە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ كېلىۋاتقان شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كونكرېت قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر