ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خاقان فىداننى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى كابىنېتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن خاقان فىدان خىزمەتداشلىرىدىن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1996022
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خاقان فىداننى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوخېن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا خاقان فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك ئۇچۇرى ھەمبەھرىلىدى.

كوخېن تەبرىك ئۇچۇرىدا: «مىنىستىر فىدان ئەپەندى، سىزنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. دەۋرىمىزنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىمىزدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. مەن دۆلەتلىرىمىز ۋە رايونىمىزغا پايدىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى بىرلىكتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋىكا داجىج، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇجار ئوسمانى، كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە دىياسپورا مىنىستىرى دونىكا گېرۋاللا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئېنبېك قۇلۇبايېۋ، پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىبنىگېۋ راۋ قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، خاقان فىداننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىدى.

مىنىستىر فىدان كۈۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ سالىم ئابدۇللاھ ئەلجابىر ئەسساباھ، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەتتاف ۋە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى.

تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا، مەنسەپداشلىرى مىنىستىر فىداننىڭ يېڭى خىزمىتىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر