دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فاھرەتتىن كوجانى تەبرىكلىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فاھرەتتىن كوجانىڭ قايتىدىن سەھىيە مىنىستىرلىقىغا تەينلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

1995140
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فاھرەتتىن كوجانى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا مۇدىرى ھانس كلۇگ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى كابىنېتتا قايتا سەھىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن فاھرەتتىن كوجانى تەبرىكلىدى.

ھانس كلۇگ تىۋىتتېر ھېسابدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا مۇبارەك بولسۇن، بىز تۈركىيە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا رايونى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى شۇنداقلا سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىمىزنى كېڭەيتىشنى سەۋىرسىزلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر