ئەردوغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋەزىپە باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان مېھمان رەھبەرلەرنىڭ شەرىپىگە پايتەخت ئەنقەرەدىكى چانكايا سارىيىدا كەچلىك زىياپەت بەردى.

1994972
ئەردوغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «يېڭى دەۋردىن تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ رايونلۇق كۈچ ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيور بولۇش سالاھىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز. تېخىمۇ ئادىل ۋە تىنچ تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز» دېدى.

ئەردوغان مۇراسىمىغا قاتناشقانلارغا رەخمەت ئېيتىپ، «ۋەزىپە باشلاش مۇراسىمىمىزغا قاتناشقانلىقىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن. گەرچە بۈگۈن ئارىمىزغا قېتىلالمىغان بولسىمۇ، تېلېفون ئارقىلىق تەبرىكلىرىنى يەتكۈزگەن ۋە ئۇچۇر ئەۋەتكەن بارلىق دوستلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ قەدىرشۇناسلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئورتاق مەنپەئەتىمىز ئاساسىدا تەڭ پايدا ئېلىش چۈشەنچىسى بىلەن  ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۈگۈنگە قەدەر پىرىنسىپال ۋە قەتئىي ئىرادىلىك پوزىتسىيە بىلەن مەيدان ۋە ئۈستەلدە كۈچلۈك، تەشەببۇسكار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويۇپ كەلدۇق. تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق. دىپلوماتىك تورىمىزنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى ئۈنۈملۈك بىر خەلقئارا دىپلوماتىيە كۈچىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 - يىللىقى ھارپىسىدا يېڭى بىر دەۋرگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«دۇنيا سىستېمىسى كرىزىسلەر بىلەن قورشالغان بۈگۈنكى دۇنيادا، بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز 21-ئەسىرنى تىنچلىق، گۈللىنىش ۋە مۇقىملىق ئەسرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتۇر. دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان خۇشپىئىللىق، ۋىجدان ۋە مۆتىدىللىق ئاساسىدىكى پوزىتسىيە بىلەن رايونىمىزدا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈلگىسى بولدى. ئاشلىق كېلىشىمى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىق بىر ئاشلىق  كرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.  يېڭى دەۋردىن تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ رايونلۇق كۈچ ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيور بولۇش سالاھىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز. تېخىمۇ ئادىل ۋە تىنچ تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز. بىزنىڭ يۆنىلىشىمىز ھەم غەرب تەرەپكە ھەم شەرق تەرەپكە بولىدۇ ئەمما ئاساسلىق يۆنىلىشىمىز توغرا، ھەقىقەت ۋە ئادالەت تەرەپتە بولىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ۋە تۈرك ئەرمېنىيە پاترىگى ساھاك ماشاليان بىلەن سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر