دۇنيا رەھبەرلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

1993753
دۇنيا رەھبەرلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە يېڭى دەۋرنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن.

ھەر ئىككى رەھبەر  سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

ئىراق كورد (كۈرت) رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى نەچىرۋان بارزانىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنە ۋەجىدمۇ  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

بەھرەين پادىشاھى ئەلخەلىفەمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر