چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيەنىڭ 73 دۆلەتتىكى 156 دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسى ۋە تاموژنىلاردىكى شەنبە كۈنى باشلانغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

1989266
چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 28 – ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككى ئايلانمىسى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرى ۋە تاموژنىلاردىكى سايلام ساندۇقلىرىغا بېلەت تاشلىغۇچىلار سانى 1 مىليون 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىكىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان سايلىغۇچىلاردىن ئەلچىخانا – كونسۇلخانا ۋە تاموژلاردا بېلەت تاشلىغانلار ئومۇمىي سانى ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 10:30 غىچە 1 مىليون 153 مىڭ 842 گە يەتكەن.

چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلاردا 24 – ماي، تاموژنىلاردا 28 – ماي سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر