فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن پادىشاھ 3- چارلىزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئايالى ھۇمەيرا شاھىن ئوكتاي تۈنۈگۈن پادىشاھ 3- چارلىزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1983485
فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن پادىشاھ 3- چارلىزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئايالى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ۋېستمىنىستېر ئاببېي چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاج كىيىش مۇراسىمىدا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى.

فۇئات ئوكتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا، «ئەنگىلىيە پادىشاھى 3- چارلىزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. پادىشاھ  3- چارلىزنى، خان جەمەتىنى، ئەنگىلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلەيمەن، يېڭى دەۋردە تۈركىيە-ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.

پادىشاھ 3- چارلىزنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمىغا تۈنۈگۈن خان جەمەتى ئەزالىرىدىن باشقا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت رەئىسلىرى، ئاتاقلىق شەخسلەر ۋە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىق 2200 دىن ئارتۇق مېھمان ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر