ئەردوغان يېڭى ئەۋلاد ئالتاي تانكىسىنىڭ تۈركۈملەپ ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارمىيە سىناق قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالتاي تانكىلىرىنى دەرھال تۈركۈملەپ ياساشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1978685
ئەردوغان يېڭى ئەۋلاد ئالتاي تانكىسىنىڭ تۈركۈملەپ ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
altay tank.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەقەپ تاييىپ ئەردوغان ساكاريادا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئالتاي تانكىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ نىشانلىرىنىڭ تولۇق مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇداپىئە لايىھەلىرىگە ئاجرىتىلغان جەمئىي خامچوتنىڭ 75 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تاكتىكىلىق چارقلىق بىرونىۋىكلار، مېنادىن قوغدىيالايدىغان بىرونىۋىكلار ۋە ھەر خىل ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ياساشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «يىراق مۇساپىلىق، ئوخشىمايدىغان ستوۋوللۇق زەمبىرەكلەر ئورنىتىلغان ھەربىي ئاپتوموبىللارنىمۇ ئارمىيەمىزگە سەپلەپ بەردۇق. بۇرۇن سەپلەپ بېرىلگەن تانكا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇردۇق، بۇ خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ، مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىنى تەمىنلەيدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«يېڭى ئالتاي تانكىسىنىڭ بۇ جۇغراپىيەدە ئارمىيەمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم كۈچ سۈپىتىدە خىزمەت ئۆتەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئارمىيەمىز سىناق قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنلا تۈركۈملەپ ياساشنى باشلايمىز» دېدى.

ئۇ تۋىتتېردا، «يىقىلمىدۇق، بەل قويۇۋەتمىدۇق، كەينىگە چېكىنمىدۇق ۋە غەلىبە قىلدۇق. مانا بىزنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئالتاي تانكىمىز» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر