ئەردوغان يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ئىشقا ئاشقان ئىپتىخارلىق خىزمەتلەرنى تىلغا ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا دۆلەتنى مىللەتنىڭ ئىپتىخار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرگە، ئىسلاھات ۋە سېلىنمىلارغا ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1972246
ئەردوغان يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ئىشقا ئاشقان ئىپتىخارلىق خىزمەتلەرنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا: «يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا دۆلىتىمىزنى مىللەتنىڭ ئىپتىخار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرگە، ئىسلاھات ۋە سېلىنمىلارغا ئىگە قىلدۇق. <توختاش يوق، يولغا داۋام> دېگىنىمىزچە خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدىكى سۈرەتلەرگە تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئىلاۋە قىلدى:

«(ئىستانبۇل) باغچىلاردا 3 مىليارد 412 مىليون لىرالىق 97 لايىھەنى خىزمەتكە كىرىشتۈردۇق. مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھۆر جېت ئايروپىلانىنى ئۇچۇردۇق. (ئىستانبۇلدا) باشاقشەھىر چام ۋە ساكۇرا شەھەر دوختۇرخانىسى بىلەن كاياشەھىر مېترو لىنىيەسىنى ئاچتۇق. ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان <قىزىلئەلما> نىڭ ئۆرلەش سىنىقىنى ئېلىپ باردۇق. پېنسىيە يېشىنىڭ تولىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 2 مىليون 250 مىڭ پۇقرايىمىزنىڭ تەلىپىنى قاندۇردۇق. بالىكەسىر باندىرمادا بور كاربون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئەڭ تۆۋەن پېنسىيە مائاشىنى 7500 لىراغا چىقاردۇق، ھېيتلىق پۇلنى 2000 لىراغا ئۆستۈردۇق. 60 يىللىق ئارزۇيىمىز بولغان <توگ> نى يوللارغا چىقاردۇق. ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنى پارس قولتۇقى رايونىغا تۇتاشتۇرىدىغان تەرەققىيات يولىغا ئىمزا قويدۇق. يەر تەۋرەش رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر 78 مىڭ تۇرالغۇ ۋە كەنت ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇچىنى باشلىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر