ئەردوغان: جەمئىي 650 مىڭ يېڭى ئۆينى يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغانلارغا تەقدىم قىلىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر يىل ئىچىدە پۈتىدىغان 319 مىڭ ئۆينى قوشقاندا، جەمئىي 650 مىڭ يېڭى ئۆي سېلىپ، يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان ۋەتەنداشلارغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇرتېغىدىكى غازىئانتەپ-كىلىس يەر تەۋرەش رايونى تۇرالغۇ بىنالىرىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان: «بىز بۇ يىل رامىزان ئېيىغا 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرى بىلەن قەدەم قويدۇق ، يەر تەۋرەش نۇرتېغى بىلەن بىرلىكتە 11 ۋىلايەتنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ۋە ھاياتىدىن ئايرىلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئارىدىن تەخمىنەن 1.5 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىز بارلىق جىددىي خىزمەتلەردە مۇھىم بىر باسقۇچقا كەلدۇق. قالدۇقلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تازىلاپ بولدۇق» دېدى.
ئەردوغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن دەرھاللا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىزنىڭ مەقسىتىمىز بىر يىل ئىچىدە پۈتىدىغان 319 مىڭ ئۆينى قوشقاندا، جەمئىي 650 مىڭ يېڭى ئۆي سېلىپ، يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان ۋەتەنداشلارغا تەقدىم قىلىشتۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك خەتەر قالقىنى مودېلى بىلەن شەھەرلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەر تەۋرەش، كەلكۈن، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق باشقا بارلىق خەتەرلەرگە چېدامچان، بىخەتەر، خاتىرجەم ھالغا كەلتۈرۈشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.