ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىك دىپلوماتىيەسى دائىرىسىدە بۈگۈن (17-مارت) فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1961395
ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئالدى بىلەن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستونى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

ئىككى رەھبەر رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسى تەشكىل قىلماقتا.

ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن  فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستو 2022-يىلى 6-ئايدا مادرىدتا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ  كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا.  

ئۇچرىشىشتا يەنە، فىنلاندىيەنىڭ  مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ -قىلمىغانلىقى كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە – فىنلاندىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن  فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستو ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر